Qizil Gulum
قىزىل گۈلۈم قارچۇغانىڭ بالاسى
قانداق قىلاي ئەي كۆزۈمنىڭ قاراسى
قىزىل گۈلۈم قارچۇغانىڭ بالاسى
قانداق قىلاي ئەي كۆزۈمنىڭ قاراسى
قانات ياساپ ئۇچۇپ بارسام يانىڭغا
ساقىيار ئىدى يۈرۈگۈمنىڭ ياراسى
قانات ياساپ ئۇچۇپ بارسام يانىڭغا
ساقىيار ئىدى يۈرۈگۈمنىڭ ياراسى
بوز يىگىتىمنى ساقلىسام كۆيگەلى
ئۇزۇن بوپتۇ شىرىن لىۋىڭ سۆيگەلى
بوز يىگىتىمنى ساقلىسام كۆيگەلى
ئۇزۇن بوپتۇ شىرىن لىۋىڭ سۆيگەلى
ئاستا ئولتۇرۇپ ئۇزۇننى خىيال قىلسام
بولمايدىكەن سىزدىن ئۈمىد ئۈزگەلى
ئاستا ئولتۇرۇپ ئۇزۇننى خىيال قىلسام
بولمايدىكەن سىزدىن ئۈمىد ئۈزگەلى
مۇزىكا
تولا ئىكەن بۇ قويلارنىڭ قاراسى
بەكمۇ يىراق ئىككىمىزنىڭ ئاراسى
تولا ئىكەن بۇ قويلارنىڭ قاراسى
بەكمۇ يىراق ئىككىمىزنىڭ ئاراسى
ئارا يىراق دەپ ئۇنتۇپ كەتمەڭ بىزنى
ھايۋان ئەمەس بىزمۇ ئادەم بالاسى
ئارا يىراق دەپ ئۇنتۇپ كەتمەڭ بىزنى
ھايۋان ئەمەس بىزمۇ ئادەم بالاسى
قاغا ئۇچسا قاناتىغا قارايمەن
نەدە بولساڭ گەپ سۆزۈڭنى ئاڭلايمەن
قاغا ئۇچسا قاناتىغا قارايمەن
نەدە بولساڭ گەپ سۆزۈڭنى ئاڭلايمەن
مەندىن باشقا ئۆزگىلەرگە گەپ قىلساڭ
ئاستا بېرىپ پۇت-قولۇڭنى باغلايمەن
مەندىن باشقا ئۆزگىلەرگە گەپ قىلساڭ
ئاستا بېرىپ پۇت-قولۇڭنى باغلايمەن
مۇزىكا
قىزىل گۈلۈم قارچۇغانىڭ بالاسى
قانداق قىلاي ئەي كۆزۈمنىڭ قاراسى
قىزىل گۈلۈم قارچۇغانىڭ بالاسى
قانداق قىلاي ئەي كۆزۈمنىڭ قاراسى
قانات ياساپ ئۇچۇپ بارسام يانىڭغا
ساقىيار ئىدى يۈرۈگۈمنىڭ ياراسى
قانات ياساپ ئۇچۇپ بارسام يانىڭغا
ساقىيار ئىدى يۈرۈگۈمنىڭ ياراسى
قاغا ئۇچسا قاناتىغا قاراڭلا
گۇنا قىلسا زەنجىر بىلەن باغلاڭلا
قاغا ئۇچسا قاناتىغا قاراڭلا
گۇنا قىلسا زەنجىر بىلەن باغلاڭلا
دوستلارىغا قەست قىلغان دۈشمەنلەرنى
ئادەم بارماس باياۋانغا پالاڭلا
دوستلارىغا قەست قىلغان دۈشمەنلەرنى
ئادەم بارماس باياۋانغا پالاڭلا
ئادەم بارماس باياۋانغا پالاڭلا