Biliyurum
تېكىستى : ئېھسان تۇرغۇن ئۇيدىل
بىز شۇنداقلا ئايرىلدىقمۇ يارىم،
سۆيگۈمىزدىن ھەم تاندىقمۇ يارىم.
كۈندەشلىككە قالمىدى ئورۇن،
مەنسۇپ ئىدى ئەسلى بىر ساڭا بارىم
بىز شۇنداقلا ئايرىلدىقمۇ يارىم،
سۆيگۈمىزدىن ھەم تاندىقمۇ يارىم.
كۈندەشلىككە قالمىدى ئورۇن،
مەنسۇپ ئىدى ئەسلى بىر ساڭا بارىم
كەچمەس ئەسلا ئېسىمدىن،
ئاشۇ ئۆتكەن گۈزەل كۈنلىرىم.
بۇلاق كەبى تۆكۈلەر قارا كۆزدىن
ھېجران ياشلىرىم.
ئەمدى ئەستىن چىقىمىز.
رىشتىمىزنى ئۈزىمىز.
بولدۇم ۋەيران بۇ كۈنلەردە بولماس
ھېچ بىر ئارامىم،
خازان بولدى بىر سۆز بىلەن
جانىم، سۆيگۈ باھارىم.
سەرسان بولۇپ نادامەتتە
بىر كۈن قايتا ئىزلەرسەن،
پايخان قىلار سېنى ئاخىر
بىركۈن مېنىڭ ئۇۋالىم.
بولدۇم ۋەيران بۇ كۈنلەردە بولماس
ھېچ بىر ئارامىم،
خازان بولدى بىر سۆز بىلەن
جانىم، سۆيگۈ باھارىم.
سەرسان بولۇپ نادامەتتە
بىر كۈن قايتا ئىزلەرسەن،
پايخان قىلار سېنى ئاخىر
بىركۈن مېنىڭ ئۇۋالىم.
مۇزىكا
بىز شۇنداقلا ئايرىلدىقمۇ يارىم،
سۆيگۈمىزدىن ھەم تاندىقمۇ يارىم.
كۈندەشلىككە بەرمەستىن ئورۇن،
مەنسۇپ ئىدى ئەسلى بىر ساڭا بارىم .
كەتمەس پەقەت ئېسىمدىن،
،ئاشۇ گۈزەل يۈرگەن كۈنلىرىم
بۇلاق كەبى تۆكۈلەر قارا كۆزدىن
ھېجران ياشلىرىم.
ئەمدى ئەستىن چىقىمىز ،
رىشتىمىزنى ئۈزىمىز.
بولدۇم ۋەيران بۇ كۈنلەردە بولماس
ھېچ بىر ئارامىم،
خازان بولدى بىر سۆز بىلەن
جانىم، سۆيگۈ باھارىم.
سەرسان بولۇپ نادامەتتە
بىر كۈن قايتا ئىزلەرسەن،
پايخان قىلار سېنى ئاخىر
بىركۈن مېنىڭ ئۇۋالىم.
بولدۇم ۋەيران بۇ كۈنلەردە بولماس
ھېچ بىر ئارامىم،
خازان بولدى بىر سۆز بىلەن
جانىم، سۆيگۈ باھارىم.
سەرسان بولۇپ نادامەتتە
بىر كۈن قايتا ئىزلەرسەن،
پايخان قىلار سېنى ئاخىر
بىركۈن مېنىڭ ئۇۋالىم.
مۇزىكا
بولدۇم ۋەيران بۇ كۈنلەردە بولماس
ھېچ بىر ئارامىم،
خازان بولدى بىر سۆز بىلەن
جانىم، سۆيگۈ باھارىم.
سەرسان بولۇپ نادامەتتە
بىر كۈن قايتا ئىزلەرسەن،
پايخان قىلار سېنى ئاخىر
بىركۈن مېنىڭ ئۇۋالىم.