Hay Gulum
作词 : Mahmutjan Mamut麦合木提江
作曲 : Mahmutjan Mamut麦合木提江
编曲 : Mahmutjan Mamut麦合木提江
ھەي گۈلۈم: مەھمۇتجان مامۇت
سۆزى ، مۇزىكىسى: مەھمۇتجان مامۇت
ئاكورۇدلاشتۇرغۇچى: مەھمۇتجان مامۇت
مۇزىكا…
سەن مىنىڭدىن ئاغرىنىپ كەتكەنغۇ ھەي گۈلۈم
كوچا كويدا ئالدىنىپ يۈردۈڭمۇ ھەي گۈلۈم
سەن ئۆزۈڭنى بىر چاغلاپ مىنى خار چاغلاپ
ئەمدى ئۆزۈڭ خار بولۇپ يۈردۇڭمۇ گۈلۈم
سەن ئۆزۈڭنى بىر چاغلاپ مىنى خار چاغلاپ
ئەمدى ئۆزۈڭ خار بولۇپ يۈردۇڭمۇ گۈلۈم
مۇزىكا …
بىۋاغا ئالدىنىپ مانا قەدىرىم ئۆتتىمۇ
پۇل ئۈچۈن يۈرگەنلىرىڭ ئەمدى تاشلاپ كەتتىمۇ
سەن مىنىڭدىن چوڭ بىلىپ كەتكەن ئادەملەر
سىنى ئويۇنچۇق قىلىپ ئەمدى غازان ئەتتىمۇ
سەن مىنىڭدىن چوڭ بىلىپ كەتكەن ئادەملەر
سىنى ئويۇنچۇق قىلىپ ئەمدى غازان ئەتتىمۇ
مۇزىكا…
بولدى قىلغىن قاقشىما ئۆز ئۆزۈڭنى ئالدىما
ئۆتۈنەي دىگەنلىرىڭ ئەمدى ياقمايدۇ ماڭا
نىمە قىلساڭ ئۆزگىگە شۇ يانىدۇ ئۆزۈڭگە
مەن كەبى كۆيگەن بىرى ئەمدى چىقمايدۇ ساڭا
نىمە قىلساڭ ئۆزگىگە شۇ يانىدۇ ئۆزۈڭگە
مەن كەبى كۆيگەن بىرى ئەمدى چىقمايدۇ ساڭا
ھەي گۈلۈم…