
00:00
00:00
yahxi korman
歌词
相关信息
تارىلىپ يوقىلار، شەپەخنىڭ يۈزى
ئاخشىمى كېچىدە يالغۇز يۈرۈيمەن
بىر قىز بار كۆڭلۈمدە تاللىغان ئۆزۈم
مەن شۇ گۈزەل قىزنى ياخشى كۆرىمەن
يېنىغا بارىمەن، سېغىنىپ بارىمەن
ئاخشاملىرى ئۇنى ئويلاپ قالىمەن
شېرىن خىياللار سۈرۈپ سالىمەن
مەن شۇ گۈزەل قىزنى ياخشى كۆرىمەن
كۈيگە سالدىم گۈزەل يۈزىنى
كۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن
كۆرگۈم كېلەر ئۇنى ھەر كۈنى
شۇ گۈزەلنى ياخشى كۆرىمەن
ئۇ گۈزەل بىپەرۋا سۆيگۈمگە ھەر كۈن
يۈرۈكۈم باغلانغان شۇ قىزغا مەھكەم
ھەر قېتىم كۆرۈشسەك كۈلىدۇ تاتلىق
مەن شۇ گۈزەل قىزىنى ياخشى كۆرىمەن
ئاۋازى يېقىملىق كۈلۈشى تاتلىق
يۈرۈكۈم شۇنىلا سورايدۇ ھەر كۈن
مېنى ھەتتاكى خاپا قىلسىمۇ
مەن شۇ گۈزەل قىزنى ياخشى كۆرىمەن