
Katta yaylak
编曲 : Omar-Dawut
بۇ يايلاق ئېسىل يايلاق ھەجەپمۇ يايلىيالمادىم
يايلىساممۇ يايلايتتىم دەرتكە پايلىيالمىدىم
يايلىساممۇ يايلايتتىم ئوتۇڭغا چىدىيالمىدىم
جەرەن كىيىك ئوينايدۇ تاغ باغرىدىكى سايدا
ئا تاغ باغرىدىكى سايدا
جەرەن كىيىك ئوينايدۇ تاغ باغرىدىكى سايدا
ئا تاغ باغرىدىكى سايدا
ناخشا كۈيى ياڭرايدۇ كاتتا يايلاق دېگەن جايدا
ئاتۇشۇم دېگەن جايدا
ناخشا كۈيى ياڭرايدۇ كاتتا يايلاق دېگەن جايدا
ئاتۇشۇم دېگەن جايدا
قەشقەرنىڭ بازاردىن سىزگە ئانار ئېلىپ بېرەي
سىزگە ئانار ئېلىپ بېرەي
قەشقەرنىڭ بازاردىن سىزگە ئانار ئېلىپ بېرەي
سىزگە ئانار ئېلىپ بېرەي
ئۆستەڭ بويى مەھەللىسىدە سىزنى كۆرۈپ كېتەي مەن
سىزنى كۆرۈپ كېتەي مەن
ئۆستەڭ بويى مەھەللىسىدە سىزنى كۆرۈپ كېتەي مەن
سىزنى كۆرۈپ كېتەي مەن
ئاتۇشنى ئىككى دەيدۇ ئۈستۈن ئاتۇش نەدىدۇ
ئاستىن ئاتۇش نەدىدۇ
ئاتۇشنى ئىككى دەيدۇ ئۈستۈن ئاتۇش نەدىدۇ
ئاستىن ئاتۇش نەدىدۇ
كۆڭلۈمنى ئېلىپ كەتكەن شۇ رەيھان نەدىدۇ
گۈزەل ئايىم نەدىدۇ
كۆڭلۈمنى ئېلىپ كەتكەن شۇ رەيھان نەدىدۇ
گۈزەل ئايىم نەدىدۇ
كاتتا يايلاققا بارغۇچە ناخشا ئېيتتىم يانغىچە
ناخشا ئېيتتىم يانغۇچە
كاتتا يايلاققا بارغۇچە ناخشا ئېيتتىم يانغىچە
ناخشا ئېيتتىم يانغۇچە
چىق ئۆيۈڭدىن گۈزەل يار كۆرۈۋالاي قانغۇچە
كۆرۈۋالاي قانغۇچە
چىق ئۆيۈڭدىن گۈزەل يار كۆرۈۋالاي قانغۇچە
كۆرۈۋالاي قانغۇچە