
Tamam
作词 : Rangsiz
作曲 : Rangsiz
编曲 : Rangsiz
制作人 : 此账号已注销
ماۋۇ يەرگە كەلسىلە خېرىدارنى قومۇرۇپ بېرەي
سوغۇق سۇغا دىككىدە چۆمۈرۈپ بېرەي
تۇرمۇشتا چاندۇرۇپ ، بىز پەيگىدە كەينىڭىزگە ياندۇرۇپ .
مىجەزىڭىز سەل بوشتەك ، مەن چاي دەملەپ بېرەي .
ئاڭلايسەن رەڭسىز رەپتىمۇ يامان .
نەق مەيدان بەيگىدە گەپتىمۇ يامان .
خۇيلارمۇ يامان ئۇنىڭ ، پەيلىمۇ يامان .
يېڭەلمەيسەن ئەلۋەتتە كۆڭلۈڭگە ئايان .
دېمەيمەن مەن ئەزەلدىن نىنونى .
مەندەك ياشاش ئۇلارنىڭكى پىلانى .
تاققا تۇققۇ پىكىرلەردىن خىيالى مەن .
ۋاۋ ، نېمانداق ئاقسا بۇ مىلودى
ھەممىنى بىلىمەن دوستۇم دوست ئەمەس ، سۇنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئاققانلار .
ھەممىنى كۆرىمەن بىراۋنى چۈشۈرۈپ كەينىدىن سۆز قىلىش ئوبدانمۇ
ھەممىڭنى يېڭىمەن تىنىقىم توختىغىچە ھەيۋەت تۇرىمەن ، بۇ مەيداندا
ھەيران بولىسەن مەن بولۇپ تارىخ ، سەن پەقەت ئۆتمۈش يالغانمۇ .
تونۇر پىشقان نان ، مەن سەن پەقەت كەينىدە چېچىلغان كۈنجۈتنىڭ ئۇرۇقى
كۈنلىرىڭ نىيىتىڭغا باغلىق ، ھەممە يەردە ئوخشاش قازاننىڭ قۇلىقى .
ئېيتقان ناخشاڭمۇ چاغلىق ، سەنلەردە چىقمايدۇ بىلسەڭ ئەركەكنىڭ پۇرىقى .
رەڭسىز تامام بولمايدۇ بىلسەڭ ئۇنىڭدىكى قۇملۇقنىڭ قۇۋۋىتى
كۆرەلمەسكە پىكرىم يوق ، بۇ مەيداندا رەڭسىز ، ئاللىبۇرۇن نەتىجىنى ئېلىپ بولدى
ئارلىقىمىز بەك چوڭ پەرق ، قەستەن قىلدىم بۇرادەرلەر سەت بولدى .
ئۇنى بۇنى دېدىڭ مەيلى دېدىم ، چۈنكى ئويۇننىڭ ئاخىرىغا كېلىپ بولدى .
يەنە نېمە گەپ بار ھەممىنى دەۋەتتىم ماۋۇ بەك ئاقسا رەپ بولدى
قېنى رەبنىڭ پىرى ئاچالمىغان تۇرمۇشنىڭ سىرى .
مېنى قېتىۋالمىغىن گەپكە تامام مەندىن نېرى بار .
بىرنى بىر دەپ چوڭ بولغان بالىلارنىڭ مەتلىكى ئاقىدۇ قېنىدا .
سۈت ئىچىپ چوڭ بولغان بالىلار بىز ئىچمەيمىز فىرىما .
ماۋۇ يەرگە كەلسىلە خېرىدارنى قومۇرۇپ بېرەي
سوغۇق سۇغا دىككىدە چۆمۈرۈپ بېرەي
تۇرمۇشتا چاندۇرۇپ ، بىز پەيگىدە كەينىڭىزگە ياندۇرۇپ .
مىجەزىڭىز سەل بوشتەك ، مەن چاي دەملەپ بېرەي .