
00:00
00:49
DARDIM TULA ++BENZO
歌词
相关信息
作词 : Omar-Dawut
作曲 : Omar-Dawut
编曲 : Omar-Dawut
مەن بارمىغان شەھەر قالمىدى،
ئاقسۇ، كۇچا، ئۈرۈمچى، ئالتاي.
ھەتتا سايلىق دوڭمۇ قالمىدى،
دەردىم تولا قەرزىممۇ تالاي.
بىرىپ قالدى يېشىم ئوتتۇزغا،
بۇ دەتلىرىم چېچىمدىن تولا.
تاپقان پۇلۇم يەتمەي تۇرمۇشقا،
دەردىم تولا دەتلىرىم تولا.
ۋاي دىمىگەن دوسلار قالمىدى،
يانچۇقلىرىم سەمىرگەن چاغدا.
مانا بۈگۈن ئارغا ئالمىدى،
دەردىم تولا تاشلىدى دالدا.
خەق ھەيدىسە باۋما بېنىزنى،
مەن چۆرگىلەپ يۈردۈم ئېتىزنى،
مەنمۇ ئوخشاش ئۇلاردەك ئادەم،
دەردىم تولا ئىچىتىم قىمىزنى.
پۇلۇڭ بولسا دوستۇڭ تالايكەن،
ياتار جايىڭ كاتتا سارايكەن،
پۇل تۈگىسە سەندىن تاناركەن،
قايسىنى دەي دەرتلىرىم تۇلا.