
00:00
00:36
hurmtim bar banzo
歌词
相关信息
作词 : Omar-Dawut
作曲 : Omar-Dawut
编曲 : Omar-Dawut
ھۆرمەتلىرىم بار
پۇل تاپسىمۇ مەندىن چانمىغان،
ھۆرمەت قىلىپ چەتكە قاقمىغان،
يىقىلغاندا مەندىن قاچمىغان،
دوسلىرىمغا ھۆرمەتلىرىم بار.
دەرتتە قالسام تەسەللى بەرگەن،
قۇچاقىنى مەن ئۈچۈن كەرگەن،
ھالىم سوراپ يېنىمغا كەلگەن،
دوسلىرىمغا ھۆرمەتلىرىم بار.
قۇلۇم قىسقا ئۆتمەيمەن ئەبەت،
پورەكلىگەي دوسلۇق سىلەرگە رەھمەت،
دوسلۇرۇمغا ھۆرمەتلىرىم بار
ئەي دوسلۇرۇم سىلەرگە رەھمەت
چىن يۈرەكتىن ھۆرمەتلىرىم بار.
يېنىڭدىمەن تۆكۈلمە دېگەن،
چىداملىق بول يۈكۈنمە دىگەن،
تاپقاندا بەر ئۆكۈنمە دىگەن،
دوسلىرىمغا ھۆرمەتلىرىم بار.
چىن دوسلاغا ھۆرمەتلىرىم بار