
Unutma Yar
作词 : Omar-Dawut
作曲 : Omar-Dawut
编曲 : Omar-Dawut
قەلبىمدە بىرسىنى سۆيگەن ئىدىمغۇ
ئىشقىڭدا تەلمۈرۈپ يۈرگەن ئىدىمغۇ
چېچەككە پۈركەلگەن، شۇ گۈزەل باغدىن
بۇلبۇلدەك ئىزدىنىپ تەرگەن ئىدىمغۇ.
ئۇنۇتما يار ئۇنۇتما يار.
شۇ گۈزەل چاغلارنى ئۇنۇتما يار
ئۇنۇتما يار ئۇنۇتما يار.
شۇ گۈزەل باغلارنى ئۇنۇتما يار
كۈيلىرىم تەڭكىشى سازىم ئىدىڭغۇ
كۆڭلۈمنىڭ باھارى بارى ئىدىڭغۇ.
مەڭگۈلۈك ئۆتۈشكە ۋەدە قىلىشقا
كۆزۈمنىڭ قاياشى يارىم ئىدىڭغۇ.
ئۇنۇتما يار ئۇنۇتما يار.
شۇ گۈزەل چاغلارنى ئۇنۇتما يار
ئۇنۇتما يار ئۇنۇتما يار.
شۇ گۈزەل باغلارنى ئۇنۇتما يار
ئۇنۇتما سۆيگۈمنى كۆيگەن قەلبىمنى.
ئۈمىدكە تولغان، شۇ پاك يۈرىكىمنى.
سۆيدۈمغۇ پەقەتلا مەڭگۈگە سېنى
ساداقەت ۋاپانى ئۇنۇتما يار.
سۆيدۈمغۇ پەقەتلا مەڭگۈگە سېنى
ساداقەت ۋاپانى ئۇنۇتما يار
ئۇنۇتما يار ئۇنۇتما يار.
شۇ گۈزەل چاغلارنى ئۇنۇتما يار
ئۇنۇتما يار ئۇنۇتما يار.
شۇ گۈزەل باغلارنى ئۇنۇتما يار
شۇ گۈزەل باغلارنى ئۇنۇتما يار