
00:00
00:00
San Mandin Yirak
歌词
相关信息
作词 : Mahmutjan Mamut麦合木提江
作曲 : Sixty
编曲 : Ahmat xamal
ئارقاڭدا مەن پەرۋانىدەك يۈرىمەن نىگار
يا سۆيگۈ يوق، يا كۈلكە يوق
ئۇيقۇدىن بىدار
قىينار مېنى سۆيگۈ پىراق
تۈگىمەس بىراق
كەلمەيسەن ئەي، بىلمەيسەن ئەي
سەن مەندىن يىراق
كۆيمەي دېسەم يالغۇزلۇقۇم قىينايدۇ ھەردەم
تاشلاي دېسەم پىراقلىرىڭ قويمايدۇ ھەردەم
تەشنالىقىم ئارام بەرمەي قىينايدۇ ھەردەم
كەلمەيسەن ئەي، بىلمەيسەن ئەي
شۇنچىلا كۆيسەم
خار كۆرمىگىن مېھرىڭگە مەن تەشنا بوپ يۈرسەم
زار قىلمىغىن دەردىڭدە مەن سەۋدا بوپ يۈرسەم
خار كۆرمىگىن مېھرىڭگە مەن تەشنا بوپ يۈرسەم
زار قىلمىغىن دەردىڭدە مەن سەۋدا بوپ يۈرسەم
قايدىن كېلەر نىگارىم دەپ تەلمۈرۈپ يۈرسەم
كەلمەيسەن ئەي، بىلمەيسەن ئەي
شۇنچىلا كۆيسەم