Abdulla Abdurehim 阿不都拉歌曲封面
00:00
04:50
🔊

Oghlumgha (致儿子) (民乐版)

专辑
《阿不都拉舞台》2023个人演唱会
发行日期
2024-03-04
流派
暂无
时长
04:50
播放次数
2,356,789
收藏人数
156,432
歌词
相关信息

作词 : Abdulla Abdurehim 阿不都拉

作曲 : Askar Muhtar

编曲 : Askar Muhtar

«ئوغلۇمغا»

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

سۆزى:ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

مۇزىكىسى:ئەسقەر مۇختەر

«يىگىن ئىچكىن بۇزۇپ چاچما»دىگەن ھىكمەت مىراس بىزگە

بۈگۈن دانالىرىم قايتا شۇ ھىكمەتنى سالار ئەسكە

ئەجەپ دەۋران سۈرۈپ ماڭدۇق گۈزەل ئەتە ئۈچۈن ئەمما

يېتىڭ قەدرىگە توقلۇقنىڭ چېلىقمايلى يامان كۆزگە

مۇزىكا

قەدىرلەش بۇردا ئاق ناننى—پەزىلەت ئەۋجىدۇر بىلسەڭ

شۇڭا ۋارىس ئېسىل ئەۋلاد بولۇش - شەۋكەت ماڭا سىزگە

بۈيۈكلەر ئېيتىدۇ دائىم «بىغەم يۈرمەيلى خوشلۇقتا»

خەتەر تۇيغۇسى كەم توشقان - چوماققا دەل چىقار تۈزگە

مۇزىكا

شۇ تاپ دۇنيادا سانسىزلار تېخى ئاچلىقتا ،زارلىقتا

بىلىپ-بىلمەي تۆكۈلدى ئاش،تۆكۈلدى نان ئېشىپ بىزدە

نىمە خار بولسا بىر كۈنلەر شۇنىڭغا زار بولۇر ئىنسان

بۇ ھال تاشلىمىسۇن بىزنى باھاردىن ئېلىپ«غېرىپ كۈز»گە

شۇڭا ئوغلۇم، ساڭا مەندىن نەسىھەت بۇ ئىشەنگەيسەن

«خاراپتۇر داننى خار قىلغان ماكان ئەھلى»دىگەن سۆزگە

يىگىن ئىچكىن بۇزۇپ چاچما

历史记录

!
提示
播放失败哦,因为我没有版权😂哈哈哈。