
00:00
00:00
Piyaz
歌词
相关信息
作词 : Muhtar Bughra
سەن شەرەنداز مەن پىياز
ئاقلايسىنا ئاقلايسەن
سەن يىغلايسەن زورمۇزور
لېكىن ماڭا باقمايسەن
ئاتۇشنىڭ بازارىغا
ئېلىپ بارغانچە مېنى سات
مېنى قويما توڭدۇرۇپ
كېيىن سەنمۇ قاتمۇ قات
تۇنجى قاردەك ياغىمەن
ئېرىپ تۇرار قات قېتىپ
ئۇنداق قىلما ئەي نېگار
كۆڭۈل بەرگەن بىر قېتىم
ئاتۇشنىڭ بازارىغا
ئېلىپ بارغانچە مېنى سات
مېنى قويما توڭدۇرۇپ
كېيىن سەنمۇ قاتمۇ قات
سېتىۋەتسەڭ باشقىغا
جەزمەن يىغلاپ قالارسەن
باھا قۇيۇپ ھەسسىلەپ
شۇئان قايتۇرۋالاسەن
ئاقلايسىنا ئاقلايسەن
چۇقۇم راسلا يىغلايسەن
ئاتۇشنىڭ بازارىغا
ئېلىپ بارغانچە مېنى سات
مېنى قويما توڭدۇرۇپ
كېيىن سەنمۇ قاتمۇ قات