
00:00
00:00
Katta Yaylak
歌词
相关信息
مۇزىكا تەھرىرلىگۈچى: ئەزىز ئابدۇللا
كاتتايايلاق~
ئەجەب يايلاق
ئەجەبمۇ يايلىيالمادىم
ئەجەبمۇ يايلىيالمادىم
كاتتايايلاق ئوبدان يۇرت
ناخشىلارغا تولغان يۇرت
كاتتايايلاق شورلۇق يەر
چوڭ بۇلىمىز تۇز يالاپ
كاۋاپ بۇلۇر يۈرەكلەر
يۇلغۇنلاردا ئوت قالاپ
كاتتايايلاق ئوبدان يۇرت
ناخشىلارغا تولغان يۇرت
سۈزۈك- سۈزۈك ئېرىقتىن
سۇ ئىچىمىز ئۇچۇملاپ
يۇلتۇرلارغا قول سۇزۇپ
چېلىشلاردا بەل باغلاپ
كاتتايايلاق ئوبدان يۇرت
ناخشىلارغا تولغان يۇرت
كاتتايايلاق كۈي زارلىق
كەتمىدۇق بەك بەكمۇ داڭلاپ
بىز سۆيىمىز بۇ يۇرتنى
توغراقلارنى قۇچاقلاپ
كاتتايايلاق ئوبدان يۇرت
ناخشىلارغا تولغان يۇرت