
Bihuxtur Jan (因爱陶醉)
作曲 : Askar Muhtar
编曲 : Askar Muhtar
«بىھۇشتۇر جان»
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
سۆزى: ئالاھىدىن ئابدۇرەشىد
مۇزىكىسى: ئەسقەر مۇختەر
ئاكوردلاشتۇرغۇچى: ئەسقەر مۇختەر
مىللىيچە چالغۇدا: ئەسقەر مۇختەر
ئۈن ئالغۇچى: مەردان ئابلىكىم
ئۈنۈملىگۈچى: كېرەمجان مەمەتئېلى
..
كۆزۈڭدىن مەي ئىچىپتۇرمەن
قاراغىڭدا بىھۇشتۇر جان
لىغىرلاپ سۈپسۈزۈك ياشتەك
چاناقىڭدا بىھۇشتۇر جان
گۈرۈلدەيدۇ قەدەھلەرنىڭ
كۆيۈك ئاۋازى ئۆركەشلەپ
يۈزۈڭدە شولىسى مەينىڭ
زىناقىڭدا بىھۇشتۇر جان
زىناقىڭدا بىھۇشتۇر جان
مۇزىكا
كەيىپلىك ئەۋجىدە ئەلھال
سېنى جانان دېدىم جانغا
نەۋازىچلىقتىكى مەستخۇش
سىياقىڭدا بىھۇشتۇر جان
مۇھەببەت مەن ئۈچۈن سەندە
ھامان بىر قەترە مەيدۇر مەي
لېۋىڭدىن يۇتقىلى مەينى
پىراقىڭدا بىھۇشتۇر جان
پىراقىڭدا بىھۇشتۇر جان
مۇزىكا
چېچىڭنى سانىدىم تال-تال
قىرىق يىلدا قىرىق ئۆرۈم
كۆرۈمدە يوقلۇقۇڭ شەكسىز
سىناقىڭدا بىھۇشتۇر جان
ماڭا بىرلە زىرىك لەززە
جاھاننىڭ بارىدىن چارە
ئۆمۈرنىڭ سېھرىگە چۆككەن
قۇچاقىڭدا بىھۇشتۇر جان
قۇچاقىڭدا بىھۇشتۇر جان
ئۆمۈرنىڭ سېھرىگە چۆككەن
قۇچاقىڭدا بىھۇشتۇر جان
قۇچاقىڭدا بىھۇشتۇر جان
قۇچاقىڭدا بىھۇشتۇر جان