
Anamning Bolsun (一切属于我的母亲)
作曲 : Askar Muhtar
编曲 : Askar Muhtar
«ئانامنىڭ بولسۇن»
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
سۆزى: ئۆمەرجان ئەمەت بىخلان
مۇزىكىسى: ئەسقەر مۇختەر
ئاكوردلاشتۇرغۇچى: ئەسقەر مۇختەر
مىللىيچە چالغۇدا: ئەسقەر مۇختەر
ئۈن ئالغۇچى: مەردان ئابلىكىم
ئۈنۈملىگۈچى: كېرەمجان مەمەتئېلى
....
ھەسرىتىمنى ئۆزۈملا كۆرەي
شادلىقلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن
ھەسرىتىمنى ئۆزۈملا كۆرەي
شادلىقلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن
ئاچچىقلارنى ئۆزۈملا بىلەي
تاتلىقلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن
ئاچچىقلارنى ئۆزۈملا بىلەي
تاتلىقلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن
مۇزىكا
مەن كۈلگەندە تەڭ كۈلگەن ئانام
ھەسرىتىمنى تەڭ كۆرگەن ئانام
مەن كۈلگەندە تەڭ كۈلگەن ئانام
ھەسرىتىمنى تەڭ كۆرگەن ئانام
سۆيگۈ نېمە بىلدۈرگەن ئانام
بارلىقىم ھەم ئانامنىڭ بولسۇن
سۆيگۈ نېمە بىلدۈرگەن ئانام
بارلىقىم ھەم ئانامنىڭ بولسۇن
مۇزىكا
شۇنچە كۆپتۇر ئەجرى ئانامنىڭ
ئۆتۈلمىسۇن قەدرى ئانامنىڭ
شۇنچە كۆپتۇر ئەجرى ئانامنىڭ
ئۆتۈلمىسۇن قەدرى ئانامنىڭ
يىتىپ ئاشار دەردى ئانامنىڭ
شاد كۈلكەممۇ ئانامنىڭ بولسۇن
يىتىپ ئاشار دەردى ئانامنىڭ
شاد كۈلكەممۇ ئانامنىڭ بولسۇن
مۇزىكا
بولسۇن يەنە ئانامنىڭ بولسۇن
تاپقانلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن
بولسۇن يەنە ئانامنىڭ بولسۇن
تاپقانلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن
خىزمىتىدە بولاي ئەزىزلەپ
كۈتكەنلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن
خىزمىتىدە بولاي ئەزىزلەپ
كۈتكەنلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن
كۈتكەنلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن