
Anam yalhuzkan
作词 : 无
作曲 : Muradel Abdusalam
غازاڭلاردەك كۈزدە سارغايغان
دەريا كەبى سۈيى تارتىلغان
يالغۇز ئۆزى چېكىپ دەرد پىغان
قېرىپ قالغان ئانام يالغۇزكەن
پەرزەنتلىرى ئۇچۇرما بۇلۇت
ئۆزى قاپتۇ قانىتى سۇنۇپ
كۆزى ياشلىق ھەسرەتكە تولۇپ
قېرىپ قالغان ئانام يالغۇزكەن
قەدىردانى باقىغا كېتىپ
ئىچىگە داغ ئەلەملەر سېلىپ
قەدىردانى باقىغا كېتىپ
ئىچىگە داغ ئەلەملەر سېلىپ
مۇڭلىرىنى تەڭرىمگە ئېيتىپ
قېرىپ قالغان ئانام يالغۇزكەن
مەن يىراقتا يۈردۈم نام ئۈچۈن
ئۆيۈمدىكى ئالتە جان ئۈچۈن
تۇرمۇش ئۈچۈن بىر ئىمكان ئۈچۈن
قېرىپ قالغان ئانام يالغۇزكەن
ئۇخلىماستىن باغرىغا بېسىپ
بىزنى باققان راھەتتىن كېچىپ
ئۇخلىماستىن باغرىغا بېسىپ
بىزنى باققان راھەتتىن كېچىپ
قاپتۇ كېچە چۈشۈمگە كىرىپ
قېرىپ قالغان ئانام يالغۇزكەن
ئولتۇرارمىش مۇڭلىنىپ بوزلاپ
يولىمىزغا ئىشىككە قاراپ
كېتەي بارچە دۇنيانى تاشلاپ
قېرىپ قالغان ئانام يالغۇزكەن
كېتەي بارچە دۇنيانى تاشلاپ
قېرىپ قالغان ئانام يالغۇزكەن
落叶在秋天变黄
独自一人受苦
老了的母亲独自一个人
子女就如飞云
自残翅折
泪水满面
老了的母亲独自一个人
老伴去了世
这使老娘痛哭不已
老了的母亲独自一个人
我远走高飞
为了我家六口人
为了生活着想
老了的母亲独自一个人
自己没不睡却把我按在怀里
舍弃养育我们的舒适
我梦见了老娘
老了的母亲独自一个人