
Halik Qatmilliri
作词 : Arkin-Kiram
作曲 : Arkin-Kiram
ئېگىز تاغقا چىققاندا
قولىڭىزنى مەن تاتاي
قولىڭىزنى مەن تاتاي
بار ئويۇننى سىز ئويناڭ،سىز ئويناڭ
دەردىڭىزنى مەن تاتاي
باغدا ئۆسكەن لەيلىمۇ،لەيلىمۇ
دوست بۇلۋاسام مەيلىمۇ
باغدا ئۆسكەن لەيلىمۇ،لەيلىمۇ
دوست بۇلۋاسام مەيلىمۇ
بۇ يايلاق گۈزەل يايلاق
سەيلە قىلغىلى ئەپلىك
سەيلە قىلغىلى ئەپلىك
يار بىزدىن يامانلاپتۇ قارا كۆز
بىزنىڭ ئۇتىمىز دەرتلىك
باغدا ئۆسكەن لەيلىم بار،لەيلىم بار
ئىشچان يارغا مەيلىم بار
باغدا ئۆسكەن لەيلىم بار،لەيلىم بار
ئىشچان يارغا مەيلىم بار
ئا~ ھەيرانە يۇ ھەيرانە
ئا~ سىياقىڭ قىلدى ھەيرانە
ۋاي جاھاننى ئىزدىسەم يوقتۇر
ۋاي سېنىڭدەك ياخشى مەردانە
ۋاي جاھاننى ئىزدىسەم يوقتۇر
ۋاي سېنىڭدەك ياخشى مەردانە
ئا~ئاتۇشنىڭ بازارىدىن
ئا~سىزگە ئەنجۈر ئېلىپ بېرەي ئا~ئىچىمدىكى دەردىمنى
ئا~يولدا ماڭغاچ دەپ بېرەي ئا~ئىچىمدىكى دەردىمنى
ئا~يولدا ماڭغاچ دەپ بېرەي
ئا~يولدا ماڭغاچ دەپ بېرەي