
00:00
03:46
katti-离别
歌词
相关信息
作词 : Abduwali aysa
作曲 : Kamil Jelil
ئاتام كەتتى دېمەك ئەمدى شۇ غەمسىز چاغلىرىم كەتتى
خازان بولدى ئانام بىرلە گۈلىستان باغلىرىم كەتتى
كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى سۇلدى ئەلەم ئوينايدۇ باغرىمدا
مېنىڭ مەغرۇرلىقىم بولغان يۆلەنچۈك تاغلىرىم كەتتى
ماڭا ئامەت ئىكەن بىلسەم ئانامنىڭ ئالدىدا يۈرمەك
غۇۋالاشتى بەخت شامىم گويا گۈلخانلىقىم كەتتى
بولۇپ بەخشەندە ھەسرەتكە نادامەت ئوتىدا ياندىم
ئەجەب دەۋران سۈرۈپ يۈرگەن غەييۇر سۇلتانلىقىم كەتتى
مېنى يوقلاڭ قېرىندىشىم ئانامنىڭ ھىدى بار سىزدە،ئاتامنىڭ ھىدى بار سىزدە
قويۇپ مېنى مۇسىبەتتە ئارامى جانلىرىم كەتتى
تېنىمگە سىغمىدى بۇ جان دىلىمدىن شادلىقىم كەتتى